ئامېرىكا دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانا بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
2123912
![ئامېرىكا دەمەشىقتىكى ئىران كونسۇلخانا بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e890/008d/7ca1/660bc61779778.jpg?time=1722043599)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ «ئاكسىيوس» ناملىق خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى باياناتچىسى ئاكسىيوسقا بايانات بېرىپ، «ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمغا ئارىلاشمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن خەۋەرمۇ تاپمىغانلىقى»نى تېھرانغا بىۋاسىتە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.