رۇسىيە تالىباننى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈش ئالدىدا تۇرىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تالىباننى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

2123504
رۇسىيە تالىباننى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈش ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <Gazete.ru> تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاخىرقى قارارنى ھۆكۈمەتنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوۋ تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 15 - نۆۋەتلىك روسىيە - ئىسلام دۇنياسى قازان مۇنبىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭمۇ قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ۋە ئىسلام دۇنياسى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇنبىرى بولۇش سالاھىيىتىگە <قازان مۇنبىرى يىغىنى> 14 – مايدىن 19 - مايغىچە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زامىر كابۇلوۋ رۇسىيەنىڭ ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە «سىستېمىلىق ھەمكارلىق» ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ئەمما بۇ ھەقتە  تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر