رۇسىيە گولان ئېگىزلىكىگە قوشۇمچە ھەربىي ساقچى پونكىتى قۇردى
رۇسىيە گولان ئېگىزلىكىگە قوشۇمچە رۇسىيە ھەربىي ساقچىخانىسى قۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2123804
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى ياراشتۇرۇش مەركىزى مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال مايور يۇرىي پوپوۋ، گولان ئېگىزلىكىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ: «گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن سۈرىيەنى ئايرىم تۇرۇۋاتقان <براۋو> لىنىيەسىدىكى ۋەزىيەتنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، رايونغا قوشۇمچە رۇسىيە ھەربىي ساقچىخانىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېدى.