ھىندىستاندىكى  بوران ۋە قۇيۇن ئاپىتىدە 5 كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قاتتىق بوران ۋە قۇيۇندا 5 كىشى قازا قىلدى  ۋە 100 گە يېقىن كىشى يارىلاندى.

2123536
ھىندىستاندىكى  بوران ۋە قۇيۇن ئاپىتىدە 5 كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن غەربىي بېنگال ئۆلكىسىگە قاراشلىق جالپايگۇرى رايونىغا قاتتىق بوران، قۇيۇن ۋە مۆلدۈر ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بوران كەم دېگەندە 800 ئۆيگە زىيان سالدى، دەرەخ ۋە توك ئىستولبىلىرىنىڭ يىقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

غەربىي بېنگال ئۆلكىسى باشلىقى ماماتا بانېرجى بوران سەۋەبىدىن بەش كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىن ۋە كەم دېگەندە 100 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماماتا بانېرجى ساقچىلار، رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئاپەتنى باشقۇرۇش ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىدارىسى ئەترەتلىرىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە دائىرىلەرگە ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا كېرەكلىك ياردەملەرنىڭ قىلىشىنى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر