بايدىن رۇسىيەگە ھەيۋە كۆرسەتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەدە «جاسۇسلۇق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ئېۋان گېرشكوۋىچ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا موسكۋاغا ھەيۋە كۆرسەتتى.

2122438
بايدىن رۇسىيەگە ھەيۋە كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن ۋال كوچىسى گېزىتى مۇخبىرى گېرشكوۋىچنىڭ «جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ رۇسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكالىقلارنى «سودا قورالى» قىلىپ ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئامېرىكا رۇسىيەگە بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزىدۇ» دېگەن بايدىن، گېرشكوۋىچنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېنمۇ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ گېرشكوۋىچنى ناھەق تۈرمىگە قاماپ، ئامېرىكاغا قارشى سىياسىي كوزىر قىلىپ ئىشلىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ موسكۋا ئىشخانىسىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن ئېۋان گېرشكوۋىچ، 2023-يىلى 29-مارت رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇرال رايونى يېكاتېرىنبۇرگ شەھىرىدە جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قولغا ئېلىنغانىدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ئامېرىكا پۇقراسى گېرشكوۋىچنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە، 20 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر