ئەلمالىكى ئىسىرائىلىيەگە ھەقىقىي بېسىم قىلىشنى چاقىرىق قىلدى

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ياۋروپانىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىگە «توغرا يۆنىلىشتە بېسىلغان قەدەم» دەپ باھا بەردى.

2121832
ئەلمالىكى ئىسىرائىلىيەگە ھەقىقىي بېسىم قىلىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەلمالىكىنىڭ بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خادجا لاھبىب بىلەن راماللاھتا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان بىگۇناھ پۇقرالارغا قارشى قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى ۋە ئىنسانىي شەرت-شارائىتلار مۇزاكىرە قىلىندى.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمالىكى بېلگىيەنى غەززەدە دالا دوختۇرخانىسى قۇرۇشقا چاقىرىپ: «ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش، پەلەستىن پۇقرالىرىنى خەلقئارالىق قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى بىخەتەر ھالدا يەتكۈزۈش ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ: «كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن <ئىككى دۆلەت ھەل قىلىش چارەسى> نى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، قوغدايدىغان ۋە توقۇنۇشلارنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىدىغان شەكىلدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ھەرىكەتلىرى، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشتا دەرھال قارار چىقىرىش ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشتە بېسىلغان قەدەم ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ غەززەگە قارىتىلغان ئۇرۇشنى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا، يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە ھەقىقىي بېسىم قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر