پەلەستىننىڭ يېڭى كابېنتى تەستىقلاندى

پەلەستىننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستافا كابېنتىنى دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباسقا سۇندى.

2121992
پەلەستىننىڭ يېڭى كابېنتى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ۋافا (WAFA) ئاگېنتلىقى باش مىنىستىر مۇھەممەد مۇستافانىڭ 23 مىنىستىردىن تەركىپ تاپقان 19-نۆۋەتلىك كابېنتنى ۋە ھۆكۈمەت پىروگراممىسىنى مەھمۇت ئابباسقا سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس ئېلان قىلغان قارارنامە بىلەن ھۆكۈمەت تىزىملىكىنىڭ تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باش مىنىستىر مۇھەممەد مۇستافا ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھۆكۈمەتنىڭ، 31-مارت (2024) مەھمۇت ئابباسنىڭ ھۇزۇرىدا قەسەم بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ھۆكۈمەت پىروگراممىسىنىڭ «غەززە خەلقى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش پىلانىنى تۈزۈش، غەززە بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قايتا قۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تۈزۈم ئىسلاھاتى، ئىدارە-ئورگانلارنى قايتا تەشكىللەش ۋە مۇستەھكەملەش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەقەملىك ئۆزگەرتىش، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئەدلىيە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ۋە بىخەتەرلىكنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر