ئەنگلىيە: رۇسىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرى قۇرۇق گەپ

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون رۇسىيەنىڭ موسكۋادىكى كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا غەرب ۋە ئۇكرائىنانىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ «قۇرۇق گەپ» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2120878
ئەنگلىيە: رۇسىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرى قۇرۇق گەپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا غەرب ۋە ئۇكرائىنانىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «<ئامېرىكانىڭ بۇ ھۇجۇمنىڭ بىردىنبىر جاۋابكارى دائېش> دېگەن باياناتىنى قوللايمىز» دېدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) دىرېكتورى ئالېكساندىر بورتنىكوۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، موسكۋادىكى كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پايتەخت موسكۋادا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 139 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھۇجۇمنى سادىر قىلغان تۆت تېررورچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر