پەلەستىن: مەسئۇلىيەت ئامېرىكادا

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا پەلەستىن خەلقىگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2118706
پەلەستىن: مەسئۇلىيەت ئامېرىكادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ۋافا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نەبىل ئەبۇ رۇدەينە ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىدىن ھېساب سوراشتىن ئاجىز كېلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەيۋە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ ئىسىرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ، پۈتكۈل رايوندا ئۇرۇش پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق بىرسى ئۈچۈن كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدۇ، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئازغۇنلۇقىنىڭ بەدىلىنى ھەممە كىشى تۆلەيدۇ.»

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا قەتلىئام، تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس مەنىۋىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرىنى توختاشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زىممىسىدە خەلقىمىزگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش مەسئۇلىيىتى بار. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسىرائىلىيەنى ئۇرۇشنى توختىتىشقا مەجبۇرلاشنى ۋە رەفاھتا خەلقنى كۆچۈشكە مەجبۇرلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خالىماسلىقى، رايون مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق. زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى، تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، پەقەت ۋە پەقەت پەلەستىن خەلقى قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغاندا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان زوراۋانلىق ۋە ئۆلۈم دەۋرىنىڭ داۋاملاشماسلىقى ئۈچۈن، ئەرەبلەر ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇرۇشنى توختىتىش، كۆچۈشكە مەجبۇرلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىم قارار ئېلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر