دۇنياغا داڭلىق ئارتىس ۋىل سىمىس قۇرئان كەرىم توغرىسىدىكى تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى

دۇنياغا داڭلىق ئارتىس ۋىل سىمىس، «مەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاددىيلىقىنى بەكلا ياقتۇردۇم؛ گويا كىرىستالدەكلا سۈزۈك. ھەرگىزمۇ خاتا چۈشىنىپ قالمايسىز» دېدى.

2118199
دۇنياغا داڭلىق ئارتىس ۋىل سىمىس قۇرئان كەرىم توغرىسىدىكى تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرلىق ژۇرنالىست ئەمر ئەدىبنىڭ «چوڭ ۋاقىت پودكاست» پىروگراممىسىغا مېھمان بولغان سىمىس بارلىق ئاساسلىق مۇقەددەس كىتابلارنى ئوقۇپ چىققانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى رامىزاندا بولسا، قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلىپ: «قۇرئاننىڭ بايانلىرى ناھايىتى ئېنىق؛ خاتا چۈشىنىشكە بوشلۇق قالدۇرمايدۇ» دېدى.

سىمىس ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان قايىللىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇنىڭ روھى ناھايىتى گۈزەل ۋە ئوچۇق ئىدىكى، مەن ئۇنىڭ ئاددىيلىقىنى بەكلا ياقتۇردۇم» دېدى.

55 ياشلىق ئارتىس مۇنداق دېدى: «مەن قۇرئان ئوقۇۋاتىمەن، مەن ئۇنىڭ ئاددىيلىقىنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ كىرىستالدەك سۈزۈك، ناھايىتى ئېنىق كىتاب بولۇپ، خاتا چۈشىنىپ قالمايسىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر