ترامپ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بەش ئىشتاتتا ئۆتكۈزۈلگەن پارتىيە ئىچى سايلامدا غەلىبە قىلدى.

2117848
ترامپ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوخايو، كانساس، فلورىدا، ئىللىنويس ۋە ئارىزونا ئىشتاتلىرىدا پارتىيە ئىچى سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. دېموكراتلارنىڭ كاندىدات نامزاتى ھازىرقى پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كاندىدات نامزاتى ترامپ، بۇ بەش ئىشتاتتا ناھايىتى ئاسانلا غەلىبە قىلدى.

پارتىيەلىرى ئىچىدە رەقىپسىز قالغان ۋە پىرېزىدېنتلىق نامزاتى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋەكىل سانىغا ئېرىشكەن بايدىن بىلەن ترامپ، پارتىيە ئىچى سايلىمىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈشنى باشلىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، دېموكرات پارتىيە ئارىزونا ئىشتاتىدا سايلام ئۆتكۈزۈشكە كېرەك يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، سايلامنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ۋەكىل سانىنى ئاپتوماتىك ھالدا بايدىنغا يازغان.

پارتىيە ئىچى سايلاملىرى ئىيۇن ئېيىدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىيۇل ئېيىدا، دېموكراتلار ئاۋغۇستتا كونگرەنى توپلايدۇ ۋە پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ.

2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن، بايدىن بىلەن ترامپ يەنە بىر قېتىم ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر