پېسكوۋ: موسكۋا ناتو باش كاتىپىنىڭ كاۋكاز زىيارىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، موسكۋانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ جەنۇبىي كاۋكازدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئالاقىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2117688
پېسكوۋ: موسكۋا ناتو باش كاتىپىنىڭ كاۋكاز زىيارىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيەدىكى زىيارىتى توغرىسىدا توختالغان پېسكوۋ، مەزكۇر زىيارەتلەرنىڭ كاۋكاز دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ناتونىڭ رايوندىكى نوپۇز ۋە مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىش ئورۇنۇشلىرىنىڭ كاۋكاز ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ستولتېنبېرگنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ناتونىڭ كاۋكازدىكى مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئارزۇسىنى ئوبدان بىلىمىز. بۇ ئارزۇنى بىر قاراپلا كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيەنىڭ بۇ زىيارەتلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان پېسكوۋ، موسكۋانىڭمۇ ئاساسلىقى بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق قوراللىرىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش نىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر