نېتانياھۇ: رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كىرىش ئىرادىمىز قەتئىي

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ غەززەدىكى بومباردىمانلار سەۋەبىدىن قاچقان تەخمىنەن 1.5مىليون كىشى پاناھلىنىۋاتقان جەنۇبتىكى رەفاھ شەھىرىگە كۈتۈلۈۋاتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى توسۇش ئۈچۈن، بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2117673
نېتانياھۇ: رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كىرىش ئىرادىمىز قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاللانىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نېتانياھۇ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىدىكى بىر قېتىملىق مەخسۇس ئۇچرىشىشتا، ئىسىرائىلىيەدىكى بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ «ھاماس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش» قا توسقۇنلۇق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسىرائىلىيەدىكى بەزى گۇرۇپپىلار رەفاھقا ھەربىي ھەرىكەت باشلاشنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا يولنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقلىرى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن «ھاماسنى يوقىتىش مەسىلىسىدە ئەمەس، بەلكى رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كىرىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بارلىقى» نى ئەسكەرتىپ:«ئېشىپ قالغان بىرىگادىلارنى يوقاتماي تۇرۇپ، ھاماسنى ھەربىي نۇقتىدىن يوقىتىشنىڭ باشقا يولىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر