بايدىن رەفاھ مەسىلىسىدە نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇغا رەفاھ مەسىلىسىدىكى «چوڭقۇر ئەندىشەلىرى» نى يەتكۈزدى.

2117125
بايدىن رەفاھ مەسىلىسىدە نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بايدىن ئىسىرائلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ رەفاھتا «كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى»  ئېلىپ بېرىشى مەسىلىسىدىكى «چوڭقۇر ئەندىشەلىرى» نى تىلغا ئالدى.

ئاقساراي بايدىن بىلەن نېتانياھۇنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 18-مارت (2024) ئەمەلگە ئاشقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، بايدىن نېتانياھۇغا غەززەگە قىلىنىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى كۆرۈنەرلىك شەكىلدە كۆپەيتىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاماسقا قارشى ئۆزىنى قوغداش ھەق-ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئىسىرائىلىيەنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە پۇقرالارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

قاتاردا ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پىرېزىدېنت بايدىن ئىسىرائىلىيەنىڭ رەفاھتا كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىدىن ھېس قىلغان چوڭقۇر ئەندىشەلىرىنى تىلغا ئالدى.»

ئىسىرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 32 مىڭغا يېقىن پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى. رەفاھقا ھۇجۇم قىلىنغان ئەھۋالدا بۇ رەقەمنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر