شىۋېيېتسارىيە ۋە گېرمانىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
شىۋېيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە مىڭلىغان كىشى پەلەستىننى قوللاش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەرنىڭ «Parc Des Cropettes» مەيدانىغا يىغىلغان مىڭلىغان كىشى نامايىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا نارازلىق بىلدۈردى.
نامايىشچىلار ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە ۋە ئەرەبچە ئىسرائىلىيەگە قارشى نارازىلىق شۇنداقلا پەلەستىننى قوللاش شوئارلىرىنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، غەززەدىكى ئاچارچىلىققا، بولۇپمۇ كىچىك بالىلارنىڭ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
نامايىشچىلار غەززە ئۈچۈن «دەرھال ئۇرۇش توختىتىڭلار!» دەپ چاقرىق ئېلان قىلدى.
گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندىمۇ پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
ھەر خىل پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن «پەلەستىننى قوللاش نامايىشى» دائىرىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نېۋكولن ناھىيەسىىدىكى سوننېناللې پويىز ئىستانسىسىنىڭ يېنىغا توپلاندى.
نامايىشچىلار ئاندىن پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ ھېرمان مەيدانىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىغا نارازلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، «غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار!»، «قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختىدۇر»، «ئۇرۇش توختىتىڭلار!» ۋە «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.
بەزى نامايىشچىلار غەززەدىكى ئاچارچىلىق تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن تاۋا - قازان، بوۋاق قونچاق ۋە ئۇن خالتىلىرى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشتى.
نامايىش نۇتۇق سۆزلەشتىن كېيىن تىنچ ئاخىرلاشتى.