تاجانى: ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار

ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىيو تاجانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىشنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتتى.

2116258
تاجانى: ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجانى ۋېرونادىكى بىر پائالىيەتتە سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدىكى سۆزى توغرىسىدا توختىلىپ: «مېنىڭچە، ناتو ئۇكرائىناغا كىرمەسلىكى كېرەك. مەن بۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ يەرگە بېرىپ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

تاجانى ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز خەلقئارا قانۇن ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئەركىنلىكىنى ياقلاۋاتىمىز، ئەمما بىز رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلمايۋاتىمىز. بىز كىيېۋغا ھەر خىل ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق قوراللارنى بېرىۋاتىمىز، ئەمما ئۇرۇشقا قاتنىشىش ماڭا نىسبەتەن بىر خاتالىقتەك بىلىنىۋاتىدۇ ۋە بارلىق ئىتالىيەلىكلەر بۇنى خالىمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، ئىتالىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، ئىتالىيە ئارمىيەسىنىڭ قىزىل دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىنى قوغداش جەھەتتە ھەمدە لىۋان، ئىراق ۋە ئافرىقادا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، تىنچلىق ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر