ئامېرىكا بىلەن كورېيە شىمالنىڭ تەھدىتىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن

جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىدا «شىمالنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى» راست ئوق ئىشلىتىلگەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

2115966
ئامېرىكا بىلەن كورېيە شىمالنىڭ تەھدىتىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقى جەنۇبىي كورېيە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، جەنۇبىي ھاۋا ئارمىيەسى تۈنۈگۈن (14-مارت) ئاخىرلاشقان مانېۋىرغا، ئىككى دۆلەتنىڭ 40 ئايروپىلانىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خەۋەردە يەنە، مانېۋىردا راست ئوق ئىشلىتىلگەنلىكى، ئۇچقۇچىلارنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقا قوراللارنى ئېتىش مەشىقى قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكانىڭ «ئورتاق مۇداپىئەنى كۈچەيتىش» مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن «ئەركىنلىك قالقانى» ناملىق مانېۋىر 11 كۈن داۋاملاشتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر