ياۋروپا ھەربىي ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى يىلدىن بۇيان رۇسىيە ئىشغالىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا 5 مىليارد ياۋرولۇق ھەربىي ياردەم قىلىش لايھەسىنى تەستىقلىدى.

2115224
ياۋروپا ھەربىي ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسى بېلگىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، «ياۋروپا تىنچلىق فوندى» دەپ نام بېرىلگەن فوندنى ئىسلاھ قىلىش قارارىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھات رامكىسىدا ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان فوندنى 5 مىليارد ياۋرو كۆپەيتىش توغرىسىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

ھەمبەھرلەنگەن ئۇچۇردا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇكرائىنانى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش ئىرادىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلمۇ ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ: «سىگنال ناھايىتى ئېنىق: ئۇكرائىنانى غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن قوللايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر