ئامېرىكادا پىرېزىدېنت نامزاتلىرى كېرەكلىك ۋەكىل سانىغا ئېرىشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن سابىق پىرېزىدېنت جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كاندىدات نامزاتى نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېرەكلىك ۋەكىل سانىغا ئېرىشتى.

2114746
ئامېرىكادا پىرېزىدېنت نامزاتلىرى كېرەكلىك ۋەكىل سانىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 5-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى، دېموكرات پارتىيە بىلەن جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە سەيشەنبە كۈنى (12-مارت) جورجىيا، ۋاشىنگتون ۋە مىسسىسىپى ئىشتاتلىرىدا پارتىيە ئىچى سايلام ئۆتكۈزدى.

سايلامدا، پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ھەر ئۈچ ئىشتاتتا غەلىبە قىلدى. بايدىن جورجىيادا %95، غەربىي شىمالدىكى ۋاشىنگتوندا %85، مىسسىسىپىدا %98 ئاۋازغا ئېرىشىپ، كېرەكلىك بولغان 1968 ۋەكىل سانىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ رەسمىي پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇش ئۈچۈن ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە كونگرەسىنى ساقلىشى كېرەك.

ترامپ بولسا، جورجىيادا %85، ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا %73 ۋە مىسسىسىپىدا %92 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئۈچ ئىشتاتتىكى بارلىق پارتىيە ۋەكىللىرىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك ۋەكىل سانى بولغان 1215 تىن ئاشتى ۋە ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە كونگرەسنى ساقلاشقا ئۆتتى.

دېموكرات پارتىيەدە پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ بەلگىلىنىشى مۇساپىسىدە، جەمئىي 3 مىڭ 934 ۋەكىل، جۇمھۇرىيەتچىلەردە 2 مىڭ 429 ۋەكىل پارتىيە ئىچى سايلىمىدا بېكىتىلىدۇ.

ھەر ئىككى نامزات 2020-يىلىدىكى تالاش-تارتىشلىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن، 5-نويابىر يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇش ئۈچۈن قارىمۇ قارشى ئېلىشىشقا يېقىنلاپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر