ئامېرىكا ئۇكرائىناغا جىددىي ھەربىي ياردەم ئەۋەتىدۇ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پېنتاگون (دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) نىڭ ئۇكرائىناغا ئاجراتقان خامچوتىدا پۇل قالمىغان بولسىمۇ 300 مىليون دوللارلىق «جىددىي ھەربىي ياردەم» ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2114686
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا جىددىي ھەربىي ياردەم ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان (Jake Sullivan) ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىدىغان ياردەمنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ پېنتاگوننىڭ ئۇكرائىناغا ئاجرىتىلغان خامچوتى ئاخىرلاشقان ۋە ياردەم ئۈچۈن 60 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە ياردەم تەكلىپ لايىھەسى كونگرەدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، كىيېۋغا جىددىي ياردەم قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئۇكرائىنانىڭ قولىدا يېتەرلىك ئوق-دورىسى قالمىدى. بۇ ئۇرۇش سەپلىرىدە زېمىن ۋە ئەسكەرلىرىنى يوقىتىپ قويۇشقا سەۋەب بولماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، ئىستراتېگىيەلىك مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن ناتو ئىتتىپاقىغا خىراجەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىدىغان 300 مىليون دوللارلىق جىددىي ھەربىي ياردەم پەقەت ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قىسقا ۋاقىت يېتىدۇ، ئۇزۇنغا بارمايدۇ، شۇڭا كونگرەدە ساقلىنىۋاتقان قوشۇمچە خامچوت قانۇن تەكلىپ لايىھەسى بالدۇرراق ماقۇللىنىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر