غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلارنىڭ سانى خەلقئارانى چۆچۈتتى

7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلار سانىنىڭ، يېقىنقى 4 يىلدا دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇرۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلار ئومۇمىي سانىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2114636
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلارنىڭ سانى خەلقئارانى چۆچۈتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە خىزمەت قىلىش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ باش كومىسسارى فىلىپ لاززارىنى X ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلار توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھرلىدى.

غەززەدە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىتا «ئىنساننى چۆچىتىدىغان» دەپ باھا بەرگەن فىلىپ لاززارىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان غەززە رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلار سانىنىڭ يېقىنقى 4 يىلدا دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇرۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلار ئومۇمىي سانىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لاززارىنى: «بۇ كىچىك بالىلار ئۈستىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇرۇشتۇر، كىچىك بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشتۇر» دېدى.

غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تەخمىنەن 31 مىڭ پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 12 مىڭ نەپىرى كىچىك بالىلار ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر