خىتاي «كائان» دىن ئەنسىرەشكە باشلىدى

تۈركىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى «كائان»، بازار ئۈلۈشىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدىغان خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنى ئەندىشەگە سالماقتا.

2113893
خىتاي «كائان» دىن ئەنسىرەشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى «كائان» ئەندىشەسى، خىتاي تاراتقۇلىرىدا «كائان <J-35> لەرنىڭ خېرىدارلىرىنى تارتىۋېلىشنى خالامدۇ؟» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا ئەكس ئەتتى.

خىتاينىڭ بىر خەۋەر تور بېتىدە، تۈركىيەنىڭ كائان بىلەن 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى تەرەققىي قىلدۇرغان دۆلەت بولغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، كائاننىڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغانلىقى ۋە ھەرىكەت قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى، راداردا كۆرۈنمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

كۆرۈنمەسلىك دەرىجىسىنىڭ بولسا، خىتاي، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق رەقىپلىرىنىڭكىدىن تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە قوراللىق ئۇچقۇ بايراكتار <TB-2> ۋە كائانغا ئوخشاش قورال-ياراغلىرى بىلەن، خىتاينىڭ قورال-ياراغ بازىرىدىكى ئۈلۈشىنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن.»

پاكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئەسلىتىدىغان خەۋەردە، كائاننىڭ خىتاينىڭ «J-35» ئايروپىلانىنىڭ سودا رىقابىتىگە بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئانالىزلار ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر