ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قايتا تەكىلتىدى

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز پارلامېنتنىڭ بۇ قېتىمقى قانۇن چىقىرىش مەزگىلىدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا بىر قارار چىقىرىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

2113275
ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قايتا تەكىلتىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانچېز باسك رايونىغا تەۋە بىلباۋ شەھىرىدە قىلغان سۆزىدە، ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن قارار تېكىستىنى بۇ قېتىمقى قانۇن چىقىرىش مەزگىلىدە پارلامېنتقا سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارا تىنچلىق كونفېرانسى ئۆتكۈزۈش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن سانچېز، پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئەخلاقىي ئېتىقات ۋە ھەققاني بىر دەۋا بولغانلىقىدىن شۇنداقلا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئىككى دۆلەت سۈپىتىدە بىرلىكتە ياشىشىنىڭ بىردىن بىر يولى بولغانلىقىدىن تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سانچېز 2023-يىلى 15-نويابىردا پارلامېنتتىن ئاز سانلىق سول قانات بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشەنچ ئاۋازى تەلەپ قىلغان چاغدىكى سۆزىدىمۇ، «يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشتۇر» دېگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ قارارنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىيەدە يېتەرلىك قوللاشلارغا ئېرىشەلمىگەن سانچېز، يانۋاردىن بۇيانقى باياناتلىرىدا، ئىسپانىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئىشىكىنى ئوچۇق قويغانلىقىنى ۋە 4 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇشۇ قېتىمقى قانۇن چىقىرىش مەزگىلىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر