ھەسەن: ئىسرائىلىيە ئاق فوسفور بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ زەيتۇن دەرەخلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى

لىۋان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئابباس ئەلھاج ھەسەن ئىسرائىلىيەنىڭ «ھەر كۈنى چەكلەنگەن فوسفور بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىشىى» نەتىجىسىدە 60 مىڭدىن ئارتۇق قېرى زەيتۇن دەرىخىنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

2112257
ھەسەن: ئىسرائىلىيە ئاق فوسفور بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ زەيتۇن دەرەخلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئەلھاج ھەسەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ پايتەخت بېيرۇتتىكى بىناسىدا سۆز قىلىپ: «لىۋاننىڭ جەنۇبى ھەر كۈنى خەلقئارادا چەكلەنگەن ئاق فوسفور بومبىلىرى بىلەن بومباردىمان قىلىنماقتا» دېدى.

ئۇ، بومباردىمانلارنىڭ 657 دىن ئارتۇق ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىپ، 6000 دۆنۈمدىن ئارتۇق ئورمان ۋە دېھقانچىلىق يېرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى 60 مىڭدىن ئارتۇق قېرى زەيتۇن دەرىخىنى كۆيدۈردى ۋە 2 مىڭ دۆنۈمدىن ئارتۇق يەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر ئەلھاج ھەسەن يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان غەززە ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

غەززە ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىك ۋە جىنايەتلەرنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچراپ، چىدىغۇسىز كۈلپەتلەرنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ھەسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن، ئۆرپ-ئادەت، كېلىشىم قاتارلىق ھېچ نەرسىگە پەرۋا قىلماي، ھەر كۈنى بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 30631 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 72043 پەلەستىنلىك يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر