داۋىد كامېرون ئىسرائىلىيەنى «غەززەدە ئىشغالچى كۈچ» دەپ تەرىپلىدى

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد كامېرون ئىسرائىلىيەنى يەنە بىر قېتىم «ئىشغالچى كۈچ» دەپ تەرىپلىدى.

2112311
داۋىد كامېرون ئىسرائىلىيەنى «غەززەدە ئىشغالچى كۈچ» دەپ تەرىپلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داۋىد كامېرون پايتەخت لوندوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتىنىڭ ئەزاسى بېننىي گانتىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

داۋىد كامېرون: «پەلەستىنلىكلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە» دېدى ۋە گانتىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم كىرىشىنى ۋە ئەسىرلەرنىڭ چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش»  توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىنىستىر كامېرون، «ئىسرائىلىيەگە يەنە بىر قېتىم (غەززەگە* ياردەمنىڭ ئېقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بېسىم قىلدىم. ئەمما ئەمەلىي مەيداندا ھېچقانداق ئىلگىرىلەشنى كۆرەلمەيۋاتىمىز» دېدى.

بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان كامېرون: «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن جىددىي ئۇرۇش توختىتىش كېرەك. غەززەدە ياردەم تارقىتىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياردەم كارىدورى ئېچىش ۋە غەززەگە رۇخسەت قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تۈرلىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە پاناھلىنىش ۋە ئۇل ئەسلىھە رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەمىناتلارمۇ بار» دېدى.

داۋىد كامېرون ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھقا قىلغان ھەربىي ھۇجۇمىنىڭ «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

»غەززەدىكى ئىشغالچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارنىڭ ياردەمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر