ئوستىن ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۈستەم ئۇمەروۋا بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى يىلدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2111426
ئوستىن ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) مىنىستىر ئوستىننىڭ ئۇكرائىنالىق مەنسەپدېشى رۈستەم ئۇمەروۋا بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مىنىستىر ئوستىن ئامېرىكا بىلەن تەخمىنەن 50 ئىتتىپاقداش ۋە شېرىك دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمەنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنانى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.»

ئوستىن بىلەن ئۇمەروۋنىڭ پىرېزىدېنت بايدىننىڭ قوشۇمچە دۆلەت خەۋپسىزلىك لايىھەسىنى تېز سۈرئەتتە كونگرەدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مىنىستىرلارنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يېقىن ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ۋەدىسىنى بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۈستەم ئۇمەروۋ ئېكس (X) ئادرېسىدا ھەمبەھرلگەن ئۇچۇرىدا، ئوستىنغا ئۇرۇش سېپىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ناھايىتى ئۈنۈملۈك «ھەپتىلىك سۆھبەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكادا ئۇكرائىنا ۋە ئىسىرائىلىيەگە قوشۇمچە ھەربىي ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلغان 95 مىليارد دوللارلىق قانۇن لايىھەسى، كېڭەش پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسىغا ئەۋەتىلگەن ئىدى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مايك جونسون (Mike Johnson) مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى جەنۇبتىكى چېگرالارغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلماي تۇرۇپ تەستىقلىمايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر