شويگۇ: ناتونىڭ كېڭىيىشىدىن كېيىن، يېڭى ھەربىي رايونلارنى قۇردۇق

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو كېڭىيىپ، رۇسىيە چېگراسىدا يوشۇرۇن ھەربىي كۈچ بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئىككى يېڭى ھەربىي رايون قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2111461
شويگۇ: ناتونىڭ كېڭىيىشىدىن كېيىن، يېڭى ھەربىي رايونلارنى قۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي شويگۇ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە يېڭى ھەربىي رايونلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

شويگۇ ناتونىڭ رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا يوشۇرۇن ھەربىي پەيدا قىلغانلىقىنى، فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنى، شىۋېتسىيەنىڭمۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز غەربىي شىمال ۋە غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدىكى ئەسكىرىي قىسىملارنى گۇرۇپپىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللاندۇق. ئارمىيە سېپىدە لېنىنگراد ۋە موسكۋا ھەربىي رايونلىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك رايون قۇرۇلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر