يەمەن ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيەنىڭ «Rubymar» ناملىق پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

يەمەن ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيەنىڭ «Rubymar» ناملىق پاراخوتىنىڭ «ھاۋارايى شارائىتى ۋە كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن» قىزىل دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2110155
يەمەن ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيەنىڭ «Rubymar» ناملىق پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمىتى پاراخوتنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

«Rubymar» ناملىق پاراخوتىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە دېڭىزدىكى ھاۋارايى شارائىتى ۋە كۈچلۈك شامالنىڭ تەسىرىدە چۆكۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خۇسىيلار 18 - فېۋرالدا 41 مىڭ توننا ئوغۇت ئېلىپ ماڭغان ئەنگىلىيەنىڭ «Rubymar» ناملىق پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە پاراخوت سۇ ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.

يەمەن ھۆكۈمىتى ھۇجۇم قىلىنغان پاراخوتنىڭ كۆپ مىقداردا ئاممىياك ۋە نېفىت توشۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چوڭ بىر مۇھىت بۇلغىنىش ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ھەمدە پاراخوت خادىملىرىنىڭ بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

يەمەندىكى خۇسىيلار بۇ ھۇجۇمنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار توختىتىلىپ، قورشاۋ بېكار قىلىنغانغا قەدەر ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدە 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىردىن بۇيان يەمەننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە شىركەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، يەنە بەزى پاراخوتلارغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر