ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 30320 گە يەتتى

7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى 24 سائەتتىكى ھۇجۇملىرىدا 92 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى 156 ئادەم يارىلاندى.

2110063
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 30320 گە يەتتى
gazze cocuk.jpg
gazze cocuk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 148 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە قىلغان يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدىكى ھۇجۇملىرىدا يەنە 92 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانىنىڭ 30 مىڭ 320 كە يەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملار ئارقىلىق يەنە 156 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغانلىقى، غەززە ھۇجۇملىرىدا يارىلانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ سانى 71 مىڭ 533 كە يەتكەنلىكى قەيت  قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «10 ئايرىم قىرغىنچىلىق» سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر