باڭلادىشتا بىر بىناغا ئوت كېتىپ نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

باڭلادىش پايتەختى داككادا بىر بىناغا ئوت كېتىپ، 43 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2109429
باڭلادىشتا بىر بىناغا ئوت كېتىپ نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىش سەھىيە مىنىستىرى سامانتا لالسېن داككادا ئالتە قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كېتىپ 43 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە يارىدارلارنىڭ داۋالىنىش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى بىر رېستوراندا چىققان ئوتنىڭ، نۇرغۇن كىشىنىڭ قاپسېلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ 75 كىشىنى بىنادىن قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 42 كىشىنىڭ ھوشسىز ھالەتتە بىنادىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر