نورۋېگىيەدە بىر تىك ئۇچار دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

نورۋېگىيەدە بىر تىك ئۇچار دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، بىر كىشى قازا قىلدى ۋە  بەش كىشى يارىلاندى.

2109134
نورۋېگىيەدە بىر تىك ئۇچار دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيەنىڭ غەربىدىكى نورۋېگىيە برىستوۋ شىركىتىگە تەۋە «Sikorsky S-92» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش مەشىقى جەريانىدا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى.

ساقچىلارنىڭ باياناتىدا ئالتا نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ تىك ئۇچار بىلەن بىلىكتە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ۋە دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يارىلانغانلاردىن بىرسىنىڭ دوختۇرخانىدا قازا قىلغانلىقى، باشقا يارىلانغانلارنى داۋالاش داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋەقەدىن كېيىن رايوندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سۇپىسىغا كىرىش ۋاقتىنچە توختىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر