ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان چېگراسىدىكى ئولتۇراق رايونى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرادىكى كىريات شمونا ئولتۇراق رايونىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.

2108550
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان چېگراسىدىكى ئولتۇراق رايونى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن كىريات شموناغا ئارقىمۇ ئارقىدىن 2 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئولتۇراق رايون نىشان قىلىنغان بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا 4،  ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈمىگەنلىكى، بەزى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئادەم يوق ئۆيلەرگە چۈشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ھەرىكىتىمۇ كىريات شموناغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ھىزبۇللاھ 2023-يىلى 8- ئۆكتەبىردىن بۇيان چېگراغا ئەڭ يېقىن ئولتۇراق رايونلارغا پات پات ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، لىۋان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونىغا جايلاشقان بەيت لىف، كفار ھاممام، ماركايۇن تۈزلەڭلىكى ۋە ھۇلا بازىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا 8 – ئۆكتەبىردىن بۇيان چېگرادا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، 219 ھىزبۇللاھ ئەزاسى، 43 لىۋان پۇقراسى، 11 ئەمەل ھەرىكىتى ئەزاسى، 12 ھاماس ئەزاسى، 12 ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى ئەزاسى، 6 ئىسرائىلىيە پۇقراسى ۋە 11 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر