تۈركىيە دىپلوماتىيە تورى ئەڭ كەڭ ئۈچىنچى دۆلەت بولدى

ئاۋسترالىيەنىڭ لوۋىي ئىنستىتۇتىنىڭ «يەرشارى دىپلوماتىيە كۆرسەتكۈچى» ناملىق دوكلاتىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ كەڭ دىپلوماتىك تور رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

2108729
تۈركىيە دىپلوماتىيە تورى ئەڭ كەڭ ئۈچىنچى دۆلەت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيەنىڭ لوۋىي ئىنستىتۇتى دۇنيادىكى «ئەڭ مۇھىم» دىپلوماتىك تورلارنى ئېنىقلاپ چىقىش مەقسىتىدە، ئاسىيا، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا  66 دۆلەت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەييارلىغان «يەرشارى دىپلوماتىيە كۆرسەتكۈچى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتنى تەييارلاشتا، 2023-يىلى 7-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 66 دۆلەت ۋە رايوننىڭ رەسمىي ئورگانلىرىدىن ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۆلەتلەر ۋە رايونلار چەت ئەللەردىكى ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن رەتكە تىزىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، دىپلوماتىك تورى ئەڭ كەڭ دۆلەت خىتاي، ئۇنىڭدىن قالسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەن.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 252 چەت ئەل ۋاكالەتخانىسى بولغان تۈركىيە ئەڭ كەڭ دىپلوماتىك تور رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.

تۈركىيەنىڭ 2021-يىلىدىن بۇيان ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقادا بولۇپ چەت ئەللەردە جەمئىي 11 ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا ئاچقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، بۇلارنىڭ چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاچقانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك تورىنىڭ تەخمىنەن %40 ىنىڭ ياۋروپاغا جايلاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، تەرتىپى بويىچە خىتاي، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق 10 دۆلەت ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن.

دىپلوماتىك مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ 2002-يىلى 163 بولغان چەت ئەللەردىكى ئاكتىپ ئەلچىخانا-كونسۇلخا سانى 2024-يىلىغا كەلگەندە 261 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر