بۇركىنا فاسونىڭ شەرقىدە بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

بۇركىنا فاسو ئىسلام ئۇيۇشمىلىرى فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 25-فېۋرال (2024) دا ناتىيابانى شەھىرىدىكى بىر جامەگە، كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2108368
بۇركىنا فاسونىڭ شەرقىدە بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ئىسلام ئۇيۇشمىلىرى فېدېراتسىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ناتىيابانى شەھىرىدىكى جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئىمامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

بۇركىنا فاسونىڭ شەرقىدىكى ئېسساكانە شەھىرىدە 25-فېۋرال بىر چېركاۋغا يەكشەنبىلىك دىنىي پائالىيەت جەريانىدا قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ 15 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

بۇركىنا فاسودا 2015-يىلى يۈز بەرگەن بىخەتەرلىك كىرىزىسى نەتىجىسىدە، 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىشىلەردىن پەقەت 120 مىڭ نەپىرىلا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتالىغان.

 

باش مىنىستىرئاپوللىنايرې جوچېمسون كيېلېم دېتامبېلا ئۆتكەن يىلى (2023) قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، دۆلەت زېمىنىنىڭ %65 نىڭ دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر