مادۇرو فىدان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە «قالتىس» دەپ باھا بەردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو دۆلىتىدە زىيارەتتە بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىغا «قالتىس» دەپ باھا بەردى.

2106767
مادۇرو فىدان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە «قالتىس» دەپ باھا بەردى
fidan-gil.jpg
fidan-maduro.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا مىنىستىر فىدان بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن قالتىس بىر يىغىن (ئۆتكۈزدۇق) قېرىنداش تۈركىيە خەلقى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مەسىلىسى، كونكېرت كېلىشىملەر ۋە خەلقلىرىمىزنىڭ ئورتاق باياشاتلىقىنى مەركەز قىلغان كۈچلۈك دوستلۇقىمىزنى مۇستەھكەملەۋاتىمىز. بىز بۇ يولنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

پايتەخت كاراكاستىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۋان گىل ۋە تۈركىيەنىڭ كاراكاستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئايدان قارامانئوغلۇمۇ قاتناشتى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىلمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا مىنىستىر فىداننىڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەندىكى سۈرىتىنى ھەمبەھرىلەپ: «لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننى قىزغىن قارشى ئالىمىز. زىيارىتىڭىز ئىككى دۆلەت كۈنتەرتىپى ۋە نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان «ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە ئىشارەت قىلىنىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونىڭ كاراكاس بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى دەلىللىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە 40 نەچچە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتارنىڭمۇ يېقىندا ۋېنېزۇئېلانى زىيارەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر