ئىسرائىلىيەنىڭ  ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا، ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ سانى ئاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا، ئاز دېگەندە 12 مىڭ 660 كىچىك بالا ۋە 8 مىڭ 570 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 29 مىڭ 195 پەلەستىن پۇقراسى ئۆلتۈرۈلدى ۋە 69 مىڭ 170 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

2105297
ئىسرائىلىيەنىڭ  ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا، ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا تۈنۈگۈن بىر كۈندىلا 60 تىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تۈنۈگۈن كەچتىن بۇيان غەززەنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىدىكى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەير ئەل بەلاخ شەھىرى بىلەن نۇسەيرات پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 34 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن.

غەززە شەھىرىگە قاراشلىق زەيتۇن مەھەللىسىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر قىسىم بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان.

غەززە شەھىرىدىكى تېل ئەلھەۋا، شۇجائىييە ۋە ئەس-سابرا مەھەللىلىرىرىدىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك زەمبىرەك ھۇجۇمى داۋاملاشقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭ كىشى پاناھلانغان غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھ شەھىرىگە ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رافاھنىڭ جەنىنە مەھەللىسىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 8 پەلەستىنلىك قازا قىلدى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يارىلاندى.

غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇسنىڭ ئەل-مەۋاسى رايونىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرى، ئۆي ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كەچۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرگە تانكا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 26 كىشىنى ئۆلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر