كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ژان-مىشېل ساما لۇكوندې ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

2105399
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، باش مىنىستىر لۇكوندېنىڭ ئۆزى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپانامەسىنى پىرېزىدېنت فېلىكس تىشىكېدىغا تاپشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنت تىشىكېدىنىڭ باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا يەنە، مەۋجۇت ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەنگە قەدەر ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

لۇكوندې 2021-يىلى فېۋرالدىن بۇيان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە ئىدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 20 - دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %73.34 بېلەتكە ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان تشېكېدى 20-يانۋار قەسەم بېرىپ، ئىككىنچى قېتىم پېرىزىدېنت بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر