جوسېپ بوررېل پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى تەكىتلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ھاماسنى مەغلۇب قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2104219
جوسېپ بوررېل پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلغان بىر كەلگۈسى پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ھاماسنى مەغلۇب قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جوسېپ بوررېل گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 60 - نۆۋەتلىك ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ مەسىلىدە گېئوپولىتىكىلىق رول ئويناشنى خالايدىغان بولساق، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكىگە ئوخشاش تېخىمۇ بەك ئىتتىپاقلىشىشىمىز لازىم. ئەمما، بۇ يەردە ئوخشىمىغان پوزىتسىيەلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئويۇنىنى ئويناشنى خالاۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز» دېدى.

ئۇ پەلەستىن خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېنىق بىر يۆنىلىش سىزىلماي تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق بەرپا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈدى ۋە توقۇنۇشنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ھەربىي چارە ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ: «ھاماس بىر ئىدېئولوگىيەدۇر ۋە ھېچقاچان سىلەر بىر ئىدىيەنى ئۆلتۈرەلمەيسىلەر. بىر ئىدىيەنى ئۆلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى تېخىمۇ ياخشى ئىدىيەدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. ئەلۋەتتە يېڭى تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىسرائىلىيەنى يوقىتىش ئەمەس. ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ خاتىرجەم، بىرلىكتە ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇلار پەقەت ھەربىي ئۇسۇللار بىلەنلا بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، غەربىي قىرغاقتىكى ۋەزىيەت ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، غەربىي قىرغاقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئالدىدىكى ھەقىقىي توسالغۇ» دەپ باھا بەردى.

ئۇ: «غەربىي قىرغاق قايناۋاتىدۇ، تېخىمۇ چوڭ بىر پارتلاشنىڭ بوسۇغۇسىغا كېلىپ قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر