ياپونىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە ياردەم قىلىدۇ

ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى (JICA) جەنۇبىي دېڭىزدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) غا ئەزا تۆت دۆلەتنى 10 يىل بويىچە دېڭىز بىخەتەرلىكى ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدى.

2103267
ياپونىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا تۆت دۆلەتكە 10 يىل بويىچە دېڭىز بىخەتەرلىكى ياردىمى قىلىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھىندونېزىيە، مالايشىيا، فىلىپپىن ۋە ۋىيېتنامغا دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكى ساھەسىدە 10 يىل ياردەم بېرىدىكەن.

تەپسىلىي مەزمۇنى 2025-يىلى مارتتا ئېلان قىلىنىشى پىلانلانغان ياردەم لايىھەسىدە، ياپونىيە تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنى ھەر خىل ئۇچقۇ، رادار ئۈسكۈنىلىرى ۋە چارلاش پاراخوتى قاتارلىق بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتى، دېكابىر (2023) دا ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دوستلۇق ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، پايتەخت توكيودا رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر