سىسى: مىسىر بىلەن تۈركىيە غەززە مەسىلىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى: «مىسىر بىلەن تۈركىيە غەززە مەسىلىسىدىمۇ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ» دېدى.

2102645
سىسى: مىسىر بىلەن تۈركىيە غەززە مەسىلىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى رەسمىي دۆلەت ئشىلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ كەلگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئارىدىن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مىسىرنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى سەھىپە ئاچىمىز» دېدى.

ئۇ رەجەپتاييىپ ئەردوغان بىلەن غەززەنىڭ نكۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىلىشى ۋە غەربىي قىرغاقتىكى كەسكىن ۋەزىيەتنىڭ پەسەيتىلىشى مەسىلىسىدە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى بىلەن ئوخشاش پىكىردىمەن» دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەكىتلەپ: «مىسىر بىلەن تۈركىيە غەززە مەسىلىسىدىمۇ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ» دېدى.

ئۇ مىسىر-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:

«پات يېقىندىكى نىشانىمىز، تۈركىيە بىلەن 15 مىليارد دوللارلىق سودا ئومۇمىي ھەجىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.»

ئۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆزىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمەن» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:

«مىسىر تۈركىيەنىڭ ئافرىقادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق سودا شېرىكى، تۈركىيەمۇ مىسىر ئېكىسپورتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت. رايوندا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر