رۇسىيە ئەنگلىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
رۇسىيە ھۆكۈمىتى 18 ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەربىي ئەمەلدارلارمۇ بار.
2101343
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 18 ئەنگلىيەلىككە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيەگە قارشى سىياسەت يۈرگۈزگەن ۋە ئىككى يىلدىن بېرى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى؛ بۇ سەۋەبتىن، 18 ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭ رۇسىيە چېگراسىدىن كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى يېزىلغان تىزىملىك باياناتتا بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئەمەلدارلىرى، ئۇنىۋېرستېت ئوقۇتقۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلارمۇ بار.