ب د ت: ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئۈچۈن مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش كېرەك

ب د ت ئۇكرائىنادا ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشى ۋە تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن بىر كېلىشىمنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2101495
ب د ت: ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئۈچۈن مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئامېرىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مىروسلاۋ جېنكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئېچىلغان ئۇكرائىنا يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەرگە مەلۇمات بەردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى «ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى» باشلىغانلىقىغا ئىككى يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ئەسلىدە ئۇكرائىنادا ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىنى 2014-يىلىغىچە ئۇزارتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ بارغانسېرى شىددەتلىنىۋاتقانلىقىدىن ۋە پۇقرالارغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، مەسىلىنى ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ تەدرىجىي بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئۆز ئالدىغا زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا كۈچىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى بارلىق قاتلاملارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئادىل شەكىلدە قاتنىشىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئاساسلىق ئېھتىياجنىڭ ب د ت شەرتنامىسى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنغا مۇۋاپىق ئۇزۇن مۇددەتلىك شۇنداقلا ھەممىگە قۇچاق ئاچىدىغان تىنچلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر