ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قارارىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقتۇر

ھاماس سىياسىي بىيۇروسى ئەزاسى ئىززەت ئەررىشك ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ شەھىرىدە يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىزغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قارارىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2101044
ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قارارىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ «بىخەتەر رايون»  دېگەن يالغىنىنى ئېلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى قوغلاپ چىقارغان غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىدە كېچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ، ئەسلىدە پەلەستىنلىكلەرگە ئىرقىي قىزغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋە مەجبۇرىي يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈش ئۇرۇشىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماس سىياسىي بىيۇروسى ئەزاسى ئىززەت ئەررىشك ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ شەھرىدە 100 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇملىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئىززەت ئەررىشك ھاماسنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھتا بۈگۈن كەچتە 100 دىن ئارتۇق كىشىنى شېھىت قىلغان قىرغىنچىلىقى، پەلەستىنلىكلەرگە ئىرقىي قىزغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋە مەجبۇرىي يۇرتلىرىدىن كۆچۈرۈش ئۇرۇشىنىڭ داۋامىدۇر» دېدى.

ئىززەت ئەررىشك ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارىلىدىغان ھەر قانداق قەدىمىنى توختىتىشقا دائىر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ مۇھىم چارە-تەدبىر ئېلىش قارارىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تۈنۈگۈن نېتانياھۇغا ياققان يېشىل چىراغ ۋە ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا بەرگەن ياردەملىرى سەۋەبىدىن (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن ھۆكۈمىتىمۇ نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە رەفاھ قىرغىنچىلىقىنىڭ تولۇق جاۋابكارى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىززەت ئەررىشك: «ئەرەب ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى غەززە رايونىدىكى مۇداپىئەسىز پۇقرالارغا قارشى سىيونىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، شۇنداقلا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن، جىددىي ھەمدە ئەستايىدىل ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر