ئامېرىكادا بىر ئايال چېركاۋدىكىلەرنى ئوققا تۇتتى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر چېركاۋدا يەكشەنبەلىك دىنىي پائالىيەتتىن ئىلگىرى بىر ئايال ئەتراپىدىكىلەرنى ئوققا تۇتتى.

2100901
ئامېرىكادا بىر ئايال چېركاۋدىكىلەرنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېكساس ئىشتاتىنىڭ خوستون شەھەر مەركىزىگە تەخمىنەن 10 كىلومىتىر كېلىدىغان لاكاۋۇد چېركاۋىدىكى دىنىي پائالىيەتتىن سەللا بۇرۇن يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى قاتتىق ۋەھىمە پەيدا قىلدى.

30 ياش ئەتراپىدىكى بىر ئايال ھۇجۇمچىنىڭ قولىدا ئۇزۇن نولۇق قورال ۋە يېنىدا بەش ياشلىق كىچىك بالا بىلەن چېركاۋغا كىرگەنلىكى ھەمدە ئەتراپقا ئوق ياغدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايال ھۇجۇمچىنىڭ يەنە، ئۈستىدە بومبا بارلىقىنى ئېيتىپ، چېركاۋدىكى كىشىلەرگە تەھدىت سالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خوستون ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئېكس (X( بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، يېنىدىكى كىچىك بالىنى قوشقاندا ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خەلقنىڭ رايوندىن ئۇزاق تۇرۇشى تەلەپ قىلىندى.

ئېغىر يارىلانغان كىچىك بالىنىڭ ھۇجۇم قىلغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ھۇجۇمنىڭ مەقسىتى تەكشۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر