ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدا خۇسىيلارغا زەربە بەردى

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى-سېنتكوم (CENTCOM) يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلارنىڭ پارتلاتقۇچ ماددا قاچىلانغان سۇ ئۈستى ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

2100953
ئامېرىكا قىزىل دېڭىزدا خۇسىيلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ: «سېنتكومغا قاراشلىق قىسىملار 10-فېۋرال ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى رامكىسىدا شۇ يەر ۋاقتى 17.00-16.00 گىچە بولغان ئارىلىقتا، خۇسىيلارنىڭ ئىككى دانە سۇ ئۈستى ئاپپاراتى ۋە ئۈچ دانە پاراخوتقا ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىتچىت قىلدى» دېدى.

باياناتتا، خۇسىيلارنىڭ بايقالغان سۇ ئۈستى ئاپپاراتلار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن يەمەننىڭ شىمالىي قىسمىدىن قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلغانلىقى، رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى ئۈچۈن «چوڭ تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن ھالدا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ھۇجۇملار، سەپەر ئەركىنلىكىنى قوغداپ، خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىنى ئامېرىكا ھەربىي پاراىوتلىرى ۋە سودا پاراخوتلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ.»

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىزى تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسىپورت شىركەتلىرى خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنە %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر