ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۇچار تاكسى مۇلازىمىتى باشلاندى

ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى «ۋام» نىڭ ئېكس (X) بېتىدە دۇبەي شەھىرىدە ئۇچار تاكسىنىڭ مۇلازىمەت باشلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

2100813
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە ئۇچار تاكسى مۇلازىمىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «ۋام» ئاگېنتلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇبەينىڭ ئۇچار تاكسى مۇلازىمىتى باشلىغان تۇنجى شەھەر بولغانلىقىنى، ئۇچقۇچى ۋە تۆت يولۇچى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچار تاكسىنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش نىسبىتىنىڭ نۆل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇچار تاكسىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش مۇساپىسى 161 كىلومېتىر، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 320 كىلومېتىر بولۇپ، دۇبەي خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا، شەھەر مەركىزىدىكى داۋن تاۋندا، دۇبەي مارىنا ۋە پالم جۇمەيرا قاتارلىق جايلاردا جەمئىي تۆت بېكىتى بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، دۇبەي خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بىلەن پالما جۇمەيرا ئوتتۇرىسىدىكى 45 مىنۇتلۇق مۇساپىنىڭ ئۇچار تاكسى بىلەن 10 مىنۇتقا قىسقىرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر