فىلىپپىندىكى ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا 6-فېۋرال يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنىڭ سانى 54 كە يەتتى.

2100793
فىلىپپىندىكى ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داۋاۋ دې ئورو رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن 54 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 63 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھازىرغىچە يارىلانغان 32 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رايون مەسئۇللىرى يوقاپ كەتكەنلەر توغرىسىدا ئالاقىدار ئورگانلارنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلەش چاقىرىقىدا بولدى.

دائىرىلەر، ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 1166 ئائىلىنىڭ رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر