ئامېرىكادا ئالتە كىشىنى ئېلىپ ماڭغان تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكادا ئالتە كىشىنى ئېلىپ ماڭغان تىك ئۇچار كالىفورنىيەگە قاراشلىق موجاۋې قۇملۇقىدا چۈشۈپ كەتتى.

2100570
ئامېرىكادا ئالتە كىشىنى ئېلىپ ماڭغان تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېن بېرناندىنو رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، تىك ئۇچارنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە لاس ۋىگاسنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 150 كىلومىتىر كېلىدىغان موجاۋې قۇملۇقىدىكى كىچىك بىر يېزا ئەتراپىغا  چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار تارماقلار پالم سپرىڭگ ئايرودورومىدىن 6 كىشىنى ئېلىپ ئۇچقان تىك ئۇچارنىڭ نېۋادا ئىشتاتىغا كېتىۋېتىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى (FAA) نىڭ باياناتىدا، ھادىسىدە ھايات قالغانلارنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى ئېنىقلىغىلى بولمىغانلىقى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر