ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار، دېيرىزور ۋىلايىتىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان «ئۆمەر نېفىت رايونى بازىسى» غا راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

2099951
ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار، دېيرىزور ۋىلايىتىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان «ئۆمەر نېفىت رايونى بازىسى» غا راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىپ-بەرمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىران قوللاۋاتقان گۇرۇپپىلار، 7-فېۋرالنى 8-فېۋرالغا باغلىغان كېچىدىمۇ «ئۆمەر نېفىت رايونى بازىسى» غا ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر