ياۋروپا رۇسىيەگە 13-قېتىملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلاندى

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خادجا لاھبىب (Hadja Lahbib) ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، 24-فېۋرال (2024) دا رۇسىيەگە قارشى 13-قېتىملىق ئېمبارگونى يولغا قويۇشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2098933
ياۋروپا رۇسىيەگە 13-قېتىملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خادجا لاھبىب ئۇكرائىنانى 1 مىليون پاي زەمبىرەك ئوقى بىلەن تەمىنلەشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ھازىر بۇ نىشانغا يېتىشتىن يىراقمىز. تەخمىن قىلىنىشىچە، مارت ئېيىغىچە 524 مىڭ پاي زەمبىرەك ئوقى ئەۋەتىلىدۇ. ئەمما، بۇ نىشانىمىزدىن خېلىلا يىراق. شۇڭا، قوشۇمچە قەدەملەرنى تاشلىشىمىز ۋە ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى 13-قېتىملىق ئېمبارگونى يولغا قويىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا رۇسىيە دىپلوماتلىرى كىرگۈزۈلىدىكەن.

رۇسىيە 2022-يىلى 24-فېۋرال باشلىغان ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ئېمبارگولاردا، رۇسىيەدىن بىۋاستە ئالماس ئىمپورت قىلىش، شۇنىڭدەك سۇيۇقلاندۇرۇلغان پروپان، مىس ۋە ئاليۇمىن سىملىرى، لىتىي باتارېيەسى، شۇنىڭدەك ئۇچقۇ زاپچاسلىرىنى سېتىش چەكلىنىدۇ.

يېڭى ئېمبارگونىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىردەك قوللىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر